作词 : Rejez作曲 : Internetخۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىمبۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىنجاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ھۈشششئانام ئۇقمىسۇن، ئانام ئۇقمىسۇنئۆتۈنەي ئىسمەمنى ئاتىماڭلار!ئانام ئۇقمىسۇنئانام تېنىچلىقتا يەنە بىر ئاز قېنىپراق ئۇخلىسۇنشۇم خەۋەر ئەمەس، پەقەتلا غۇبارسىز بالىلىقىم ئانامنىڭ چۈشىنى يوقلىسۇنبىرۋاق بولسىمۇ ئانام غەم يىمەستىن غىزادا قورساقنى توقلىسۇنمەن بەڭباش چالغاندا ھاياتىمغا دۈدۈك،(پۈشتەك)ئانام پايپېتەك ئارقىمدا ھالى مۈدۈك،(كىچىك)ئېھ، بېچارە ئانامنىڭ مەڭزى ياشقا كۆنۈككۆز نۇرى سىرغىپ ئېقىپ كېتىپ ئەمدى كۆزى خۇنۈك.(نۇرسىز)ئانام ئۇخمىسۇنگۆدەكلىكتە ئېغىناپ توپىدا ياتقاننىياشلىق- شاشلىقتا تاياق يەپ ياتقاننىقىرانلىقتا مەندەك بىر زابوينىڭ كوچا گىرۋىكىدە قۇسۇق ئارىسىدا ياتقاننىدەتتىكام دەپ مەيدەمگە ئۇرۇپلا ئاتقاننىغەپلەتتە پاتقاققا پاتقاننىكىشىدىن ئېلىپ ھەم ساتقاننىئاز-كۆپ رىيازەت تارتقاننىھارام ئىشقا ھەسسەمنى قاتقاننىمۇشەققەتتە ئۇھ تارتقاننىجەبىرنىڭ تاغىرىنى جاپادا غولۇمغا ئارتقاننىبىلىپ قالسا ئانامبىچارە بالامدەپ بولۇر بىئارامئاقسا يېشى تارامھالال دىماقتا نەپەسلىرىم ھارامبولۇپ ھەتتاكى ئېغىرلاپ كېتەر مېنىڭ يۈرەك، دىل يارامتىلىگىم ئانام بىر شېرىنلىق خۇرسىنىپ بالام ئامان دەپ كۆرسۈن چۈشگەر ياتساممۇ مەن سوغۇق زەي *** رازى، ئانام ئۇخمىسۇن ۈشششششخۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىمبۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىنجاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ھۈشششكۆپ گۇنايىمخىجالەتتىن خىجالەت كۆپ گۇنايىمۋاي يارىم گۈلئايىمدەپ ئانام ئۇزغا بولالـمىدىم مۇلايىمئانام ئۇقمىسۇن مەندەك بىر يارىماس ئوغلى بولۇپ قالدى سايىمبارا-بارا شۇنداق كۈنسايىنچۈچۈك تىلىمدا ئانام ئەڭ گۈزەل دېگەن ئەھدەمنى بۇزۇپتىمەن ئانام ئۇقمىسۇن مەن بىر خائىنبىر غۇلاش ھاياتىم ئۈستىدە، ئانامنى رازى قىلغىنىم بىر غېرىشئانام ئۇقمىسۇن ئۆزۈمدىن ئاغرىنىپ تىكەن سىقىمداپ قانىسا پەنجىم.(بارماق)دوزاقتەك ھاياتىم ئۈستىدە پەقەتلا ئانامدۇر گۈزەل بىر بېھىشئانام ئۇقمىسۇن بىر رەت بولسىمۇ ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولسۇن بۇ رەنجىم.(دەرد-ئەلەم)ئانام ھۆسنىدىن پەقەتلا بىر ئاز، بولسىمۇ يوقۇسۇن كۆڭلۈمدە تەشۋىشئانام ئۇقمىسۇن ئەي كۆزۈم ئۆتۈنەي ياش بىلەن دەردىمنى قىلـمىغىن تەرجىمخۇشاللىقىم ئانامدا قالسۇن، مەن بىلەن يوقۇسۇن ماڭا تەۋە كەچمىشئانام ئۇقمىسۇن گەر كەتسەممۇ،ئانامنى رازى قىلسۇن ئارقىمدىن كەنجىم،(ئۆينىڭ كىچىكى)تىلىمغا تاش، گەر ئانام ماغدۇردىن قالسا ئانامنىڭ ئوڭ-سول يېقى مەن بولايگەر ئانام تۈگىسە، ئانام ياتقان «مازار غوجام»نىڭ ھەتتاكى شەيىقى مەن بولاي(ئەزگۈ بايانلار ئۈستىدە ماغدۇرۇم كۆپ، ئانامنى كۈلدۈرۈشكە يوقتۇر كۈش(كۈچئىمكانىم ئۈستىدە قولۇمدىن كېلىشى پەقەتلا ئانام ئۇقمىسۇن ۈشششششششخۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىمبۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىنجاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ھۈششش